ئەردوغان: ياشلارغا ۋە ئۆسمۈرلەرگە ئىلھام بولۇش ئۈچۈن ئالەمگە ئادەم چىقاردۇق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئىككىنچى ئەسىرىگە ۋە تۈركىيە ئەسىرىگە، تۇنجى قېتىم ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەمگە چىققان ئالەم ۋەزىپىسى بىلەن قەدەم تاشلايمىز» دېدى.

2090726
ئەردوغان: ياشلارغا ۋە ئۆسمۈرلەرگە ئىلھام بولۇش ئۈچۈن ئالەمگە ئادەم چىقاردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىللىي ئالەم پىروگراممىسىنىڭ تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدىغان «ئالەم ئۇچقۇچىسى بولغان ئالەم ۋەزىپىسى» رامكىسىدا سىنلىق تېلېگرامما ئېلان قىلدى.

ئۇ: «بىز ھەممىمىز بىرلىكتە تارىخىي دەقىقىلەرگە شاھىت بولۇۋاتىمىز. بىز ئورتاق غۇرۇرىمىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن دەۋرلەرنىڭ بىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. بىز جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئىككىنچى ئەسىرىگە ۋە تۈركىيە ئەسىرىگە ئالەم ئۇچقۇچىسى بولغان ئالەم ۋەزىپىسى بىلەن قەدەم قويدۇق. بىز ئىلىم-پەن تارىخىغا ئۆزگىچە تۆھپە قوشقان بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تارىختا ئېلىپ بارغان بۇرچىمىزنى قايتا ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك يېڭى باشلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمىز. بىز ئۇپۇققا نەزەر سالغان ياشلىرىمىزغا ۋە ئارزۇسى دۇنياغا سىغمىغان بالىلىرىمىزغا ئىلھام بولۇش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم بىر پۇقرامىزنى ئالەم بوشلۇقىغا ئەۋەتتۇق» دېدى.

تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچقۇچىلار سەپەر قىلىدىغان سپېيس ئېكس (SpaceX) نىڭ ئالەم كېمىسى ئامېرىكا كېننىدىي (Kennedy) ئالەم مەركىزىدىن شۇ يەر ۋاقتى 16.49، ئەنقەرە ۋاقتى TSI 00.49 دامۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. ئالەم كېمىسى 36 سائەتتىن كېيىن خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يېتىپ بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر