تۈركىيە ئىران-پاكىستان جىددىيچىلىكىنىڭ كەسكىنلىشىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان: «بىز پاكىستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز، بىز بۇ جەھەتتە ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشقا تەييارمىز» دېدى.

2090435
تۈركىيە ئىران-پاكىستان جىددىيچىلىكىنىڭ كەسكىنلىشىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مىنىستىر خاقان فىدان پايتەخت ئامماندا ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەيمەن سەفەدى بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۆزىنىڭ پاكىستانلىق ۋە ئىرانلىق مەنسەپداشلىرى جەلىل ئابباس جىلانى ۋە ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان بىلەن رايوندا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر فىدان، رايوندا يېڭى مەسىلىلەرنىڭ باش كۆتۈرمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھەر ئىككى تەرەپنى سوغۇققانلىقنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىرغانلىقىنى ئېيتتى.

جىلانى بىلەن ئابدۇللاھىيان بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبەتلىرى جەريانىدا، جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن فىدان: «بىز پاكىستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز، بىز بۇ جەھەتتە ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشقا تەييارمىز» دېدى.

پاكىستان ئىراننىڭ تۈنۈگۈن ئەتىگەن پاكىستاندىكى بەزى جايلارغا قىلغان ھۇجۇمىدىن ئىنتىقام ئېلىش مەقستىدە بۈگۈن ئەتىگەن  ئىراندىكى بەزى جايلارغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىك كۈچىيىپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر