تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ سۇدانغا ساياھەتكە بارماسلىقىنى تەۋسىيە قىلدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى تۈركىيە پۇقرالىرىنى «پەۋقۇلئاددە زۆرۈر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا» سۇدانغا ساياھەتكە بارماسلىققا چاقىردى.
2081625
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى ئۆنجۈ كەچەلى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «سۇداننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە كۆرمەكتىمىز. پۇقرالىرىمىزنىڭ پەۋقۇلئاددە زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا سۇدانغا ساياھەتكە بارماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.