ئەردوغان سېربىيە ۋە مىسىر پىرېزىدېنتلىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندار ۋۇچىچ ۋە مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇل فاتتاھ ئەل سىسى بىلەن تېلېفوندا ئايرىم ئايرىم كۆرۈشتى.

2079162
ئەردوغان سېربىيە ۋە مىسىر پىرېزىدېنتلىرى بىلەن كۆرۈشتى
erdogan-sisi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان ۋۇچىچ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە سېربىيە رەھبىرىنىڭ سايلامدا غەلبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.

سۆھبەتتە، تۈركىيە-سېربىيە مۇناسىۋەتلىرى، خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يېڭى دەۋردە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەمكارلىقلارنىڭ تەرەققىي قىلغان ھالدا داۋاملىشىدىغانلىقىنى  بىلدۈرگەن.

ئەردوغاننىڭ سىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىدىكى ھۇجۇملىرى ۋە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈش تىرىشچانلىقى مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئەردوغان سۆھبەتتە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن باشلانغان تىرىشچانلىقلارنى ئىتتىپاقلىق ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

سۆھبەتتە مىسىرنىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا قايتا سايلانغان سىسىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىگەن ئەردوغان، يېڭى دەۋرنىڭ تۈركىيە-مىسىر مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر