ئەردوغان: ئىسىرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ سوراققا تارتىلىشى ئۈچۈن بارلىق مېخانىزملاردىن پايدىلىنىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىسىرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ قانۇن ۋە تارىخ ئالدىدا سوراققا تارتىلىشى ئۈچۈن بار بولغان بارلىق مېخانىزملاردىن پايدىلىنىشتىن چېكىنمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2077772
ئەردوغان: ئىسىرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ سوراققا تارتىلىشى ئۈچۈن بارلىق مېخانىزملاردىن پايدىلىنىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كونيا مەۋلانا مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەۋلانە جالالىدىن رۇمى ۋاپاتىنىڭ 750-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا تېلېگرامما ئەۋەتتى.

ئۇ تېلېگراممىسىدا، مۇتەپەككۇر، مۇتەسەۋۋۇف ۋە كۆڭۈل سۇلتانى مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنى مىننەت بىلەن ياد ئەتكەن ھالدا: «مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ ھىكمەت بۇلىقىدىن سۈزۈلگەن تەۋسىيەلىرىگە ھەر دائىمكىدىن تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولغان كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتىمىز» دېدى.

ئۇ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززەدە ۋە ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا يۈز بەرگەن ئىسىرائىلىيە ھۇجۇملىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۆزلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە كۆرسەتكەن مەلۇم دۆلەتلەرنىڭ شەرتسىز قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى زۇلۇمنىڭ دەرىجىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ قان تۆكۈشنى، جانغا زامىن بولۇشنى، كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ قانۇن ۋە تارىخ ئالدىدا سوراققا تارتىلىشى ئۈچۈن بار بولغان بارلىق مېخانىزملاردىن پايدىلىنىشتىن چېكىنمەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنىڭ يولىدىن مېڭىپ، كىشىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا، مىللىتىگە، تەن رەڭگىگە، كىملىكىگە قارىماستىن ئاجىز ۋە بىگۇناھ كىشىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر