فاخرەتتىن كوجا: «2028 - يىلى بارلىق ۋاكسىنىلار يۈزدە يۈز تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ»

سەھىيە مىنىستىرى فاخرەتتىن كوجا بالىلار ئىممۇنىتېت پروگراممىسىدا غالجىرلىق، A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە سۇ چېچىكى كېسەللىكى ۋاكسىنىسىنى تېخنىكا يۆتكەش ئارقىلىق تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2077457
فاخرەتتىن كوجا: «2028 - يىلى بارلىق ۋاكسىنىلار يۈزدە يۈز تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر فاخرەتتىن كوجا، «2028 - يىلى بارلىق ۋاكسىنىلار يۈزدە يۈز تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ» دېدى.

فاخرەتتىن كوجا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي كېڭىشىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەدىكى سەھىيە مۇلازىمەتلىرىنى چۈشەندۈردى ۋە ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا توختالدى.

ۋاكسىنا ۋە بىئوتېخنىكلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ھەمدە سىناق ئىشلەپچىقىرىشنى 2025-يىلى باشلايدىغانلىقىنى بايان قىلغان فاخرەتتىن كوجا، نىشانلىرىنىڭ ئېھتىياجلىق ۋاكسىنىلارنىڭ ھەممىنى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

فاخرەتتىن كوجا: «بالىلار ئىممۇنىتېت پروگراممىسىدا غالجىرلىق، A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە سۇ چېچىكى كېسەللىكى ۋاكسىنىسىنى تېخنىكا يۆتكەش ئارقىلىق تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىمىز. ئىممۇنىتېت پروگراممىسىدىكى باشقا بارلىق ۋاكسىنىلارنىڭ ھەممىسى خىفزىسىھھادا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. 2028 - يىلى  بارلىق ۋاكسىنىلار  يۈزدە يۈز تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر