«پەنچە-قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورىستلارغا زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە-قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بايقالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىككى ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

2076994
«پەنچە-قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورىستلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا، «پەنچە-قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورىستلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىۋاتىدۇ. شىمالىي ئىراقتىكى <پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بايقالغان ئىككى تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورلۇق ۋە تېررورىستلارغا قارشى كۈرىشىمىز ئۈنۈملۈك ھالدا قەتئىيلىك بىلەن داۋام قىلىدۇ» دېيىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر