ئەلى يەرلىكايا تېررورچىلارغا قارشى دۆلەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى

بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى دۆلەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە تەشكىلاتقا تەۋە 78 پاناھلىنىش ئورنى پاچاقلاپ تاشلاندى.

2074642
ئەلى يەرلىكايا تېررورچىلارغا قارشى دۆلەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا ھەرىكەت ھەققىدە يازما بايانات ھەمبەھىرلىدى.

ئەلى يەرلىكايا تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قىش ئايلىرىدا ئەشيا ئوبوروتى ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە تەييارلىغان پاناھلىنىش ئورۇنلىرى ھۇجۇم  نىشانى قىلىنغانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىخەتەرلىك قىسىملىرى 12 ۋىلايەتتە بىر-بىرلەپ ئېنىقلانغان رايونلاردا تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

ھەرىكەت دائىرىسىدە، تېررورچىلارغا تەۋە 78 پاناھلىنىش ئورنى پاچاقلاپ تاشلاندى ۋە كۆپ مىقداردا ئوق-دورا قولغا چۈشۈرۈلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا، «تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىر-بىرلەپ ۋەيران قىلىۋاتىمىز، بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ۋەيران قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر