ئەردوغان: نېتانياھۇ رايوننىڭ كېلەچىكىنى خەتەرگە ئىتتىرمەكتە

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كىلەچىكىنى خەتەرگە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2072861
ئەردوغان: نېتانياھۇ رايوننىڭ كېلەچىكىنى خەتەرگە ئىتتىرمەكتە
erdogan katar'da.JPG
erdogan katar'da.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەن 44- نۆۋەتلىك پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن بۇرۇندىن تارتىپلا بىخەتەر پورت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

« تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئىشىنىدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا ھەر خىل  قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىشكە تەييارمىز.»

غەززە رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيە – ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:  

«بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز دەرھال ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلىش ۋە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ داۋاملىق كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتۇر.»

«بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى سىياسىي ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن پۈتكۈل رايونىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كېلەچىكىنى خەتەرگە ئىتتىرىۋاتىدۇ. دەرۋەقە، غەززەدىكى ۋەھشىيلىكلەرنىڭ سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ئۇرۇشقا ئايلىنىپ قېلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك.»

«كۆپىنچىسى بالىلار ۋە ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان 17 مىڭ بىگۇناھ پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر، ئۇرۇش جىنايىتىدۇر. ئىسرائىلىيە بۇ جىنايەتلىرى تۈپەيلى چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر