تۈركىيە سومالىغا ئىككى مىڭ  يېشىك يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بەردى

تۈركىيە سومالى ئاپەتلەرنى باشقۇرۇش ئورگىنى (SODMA) غا كەلكۈننىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن 2 مىڭ يېشىك يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بەردى.

2071852
تۈركىيە سومالىغا ئىككى مىڭ  يېشىك يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى ئاپەتلەرنى باشقۇرۇش ئورگىنى (SODMA)  مۇئاۋىن رەئىسى ئەھمەد ئابدى ئادان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، كەلكۈننىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتناشقان تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىدىن 2 مىڭ يېشىك يېمەكلىك تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەھمەد ئابدى ئادان تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىگە ۋە پۈتۈن تۈركىيەگە رەھمەت بىلدۈرۈپ، ياردەملەرنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سومالىدا ھەددىدىن زىيادە يامغۇر ۋە كەلكۈن سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 101 گە يەتتى.

سومالى ھۆكۈمىتى ئاپەت سەۋەبىدىن «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر