شىمالىي ئىراقتا بىر تېررورچى تەسلىم بولدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش رايونلىرىدىن قاچقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى بىر تېررورچى شىرناقتىكى ھابۇر چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىغا تەسلىم بولدى.
2068371
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىر تېررورىستنىڭ تەسلىم بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:
«قەھرىمان قىسىملىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش رايونلىرىدىن قاچقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى بىر تېررورىست، ھابۇر چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىمىزغا تەسلىم بولدى. تېررورچىلارنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى تۈركىيەنىڭ ئادالىتىگە تەسلىم بولۇشتۇر.»