تۈركىيە ھاماس - ئىسرائىلىيە كېلىشىمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2067607
تۈركىيە ھاماس - ئىسرائىلىيە كېلىشىمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ، تەرەپلەرنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئالتە ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىزچىل ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان غەززەدىكى توقۇنۇشلارنى تۆت كۈن ئىنسانىي مەقسەتتە توختىتىش كېلىشىمىگە <تۆكۈلۈۋاتقان قاننىڭ مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ ئازىيىشى نۇقتىسىدىن ئىجابىي ئىلگىرىلەش دەپ قارايدىغانلىقى>نى بىلدۈردى.

باياناتتا، گۆرۈدە تۇتۇلۇۋاتقانلار بىلەن مەھبۇسلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ قويۇلۇپ بېرىلىشى ۋە غەززەگە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىمگە تولۇق رېئايە قىلىنىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا: «بىز (توقۇنۇشنى) ئىنسانىي مەقسەت بىلەن توختىتىشنىڭ، توقۇنۇشلارغا كېچىكمەستىن تولۇق خاتىمە بېرىشكە ياردەمچى بولۇشىنى ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئاساسىدا ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. قاتارنىڭ بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىدا ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھا بېرىمىز» دېيىلدى.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى غەززەدىكى ھاماس ھەرىكىتى بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە تۆت كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر