كوجا غەززەدىن ئۈچىنچى قېتىم بىمار يۆتكەشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا غەززەدىن ئۈچىنچى قېتىملىق بىمار يۆتكەش ئىشلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن، مۇشۇ ھەپتە ئەمەلگە ئاشىدۇ دەپ ئويلايمەن. 50 كىشىلىك تىزىملىك تۈزۈلۈۋاتىدۇ» دېدى.

2067275
كوجا غەززەدىن ئۈچىنچى قېتىم بىمار يۆتكەشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ غەززەدىن 88 بىمار ۋە ئۇلارنىڭ 62 نەپەر ھەمراھىدىن تەركىپ تاپقان 150 كىشىنىڭ تۈركىيەگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ، ئىسىرائىلىيە، مىسىر ۋە تۈركىيەنىڭ ئۆزئارا كوردىناتسىيەسى ئاستىدا ئۈچىنچى قېتىملىق بىمار يۆتكەشنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئۈچىنچى قېتىملىق بىمار يۆتكەش ئىشلىرى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. ئىسىرائىلىيە ۋە مىسىرنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىرى كۆرۈشكىنىمدە، بوۋاقلار، كىچىك بالىلار ۋە يارىدارلارنى ئالدىن يۆتكەشنى ئەسكەرتتىم. بۇ مەسىلە توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدۇق. ھازىر كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار بولۇپ، 50 كىشىلىك تىزىملىكنى تۈزۈۋاتىمىز. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە پۈتىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ئۇ بوۋاقلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ مىسىرغا يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى، ئەمما ئۇلارنى تۈركىيەگە يۆتكەشنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىز تۈركىيەگە يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ياردەمنى قىلىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. بۇ مەسىلىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، دەسلەپتە تۆت ياشتىن كىچىك بالىلارنى يۆتكەشنىڭ پىلان قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر