غەززەدىكى بەزى بىمارلار تۈركىيەگە يۆتكەپ كېلىندى

غەززەدىن يۆتكەلگەن راك بىمارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنى ئېلىپ ئۇچقان ئىككى ئايروپىلان، تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى.

2065136
غەززەدىكى بەزى بىمارلار تۈركىيەگە يۆتكەپ كېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ ئەل ئارىش ئايرودۇرۇمىدىن كۆككە كۆتۈرۈلگەن ئىككى ئايروپىلان، پايتەخت ئەنقەرەنىڭ ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا غەززەگە قىلىنىدىغان سەھىيە ياردەملىرى دائىرىسىدە، بىمارلار ۋە يارىدارلارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن (15-نويابىر) مىسىر بىلەن ئېلىپ بارغان قويۇق ئالاقە نەتىجىسىدە بەزى بىمارلار بىلەن بىرگە مىسىردىن ئەنقەرەگە قايتىپ كەلدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئايروپىلانلىرى مىسىرنىڭ ئەل ئارىش ئايرودۇرۇمىدىن بەزى بىمارلارنى ئېلىپ ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى. ئايروپىلاندا، بىمارلارغا تۈركىيەلىك توققۇز مۇتەخەسسىس دوختۇرنىڭ ھەمراھ بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا غەززەدىن 27 بىمار ۋە ئۇلارنىڭ 13 ھەمراھىنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش بىلەن، مۇھىم قەدەم باسقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، غەززەدىكى بىمارلارنى تۈركىيەگە ئەكىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان مىسىر ئارقىلىق ئىككىنچى دۆلەتكە بىمار ئەۋەتىلمىدى. بۇ بىمارلار تۇنجى بولۇپ رەافاھ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتكەندىن كېيىن بىۋاستە تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر