تۈركىيەنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى رەفاھ چېگرا ئېغىزىغا قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيەدىن غەززەگە ياردەم ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن تولۇق ئەسلىھەلىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى رەفاھ چېگرا ئېغىزىغا قاراپ يولغا چىقتى.

2064347
تۈركىيەنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى رەفاھ چېگرا ئېغىزىغا قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىن غەززەگە داۋالاش بۇيۇملىرى ۋە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنى ئېلىپ ماڭغان تۈركىيە ياردەم پاراخوتى، پەيشەنبە كۈنى (9-نويابىر) ئىزمىر ئالسانجاق پورتىدىن يولغا چىقىپ، تۈنۈگۈن (13-نويابىر) ئەتىگەندە مىسىرنىڭ ئەل ئارىش پورتىغا يېتىپ بارغان ئىدى.

تولۇق ئەسلىھەلىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى بۈگۈن (14-نويابىر) رەفا چېگراھ ئېغىزىغا قاراپ يولغا چىقتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر