تۈركىيە ئافغانىستانغا 19- نۆۋەتلىك «ياخشىلىق پويىزى» نى يوللىدى

تۈركىيەنىڭ ئۆكتەبىردە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ئافغانىستاننىڭ ھېرات ئۆلكىسىگە ئەۋەتكەن «ياخشىلىق پويىزى» لىرىنىڭ 19- سى مۇراسىم بىلەن يولغا سېلىندى.

2061707
تۈركىيە ئافغانىستانغا 19- نۆۋەتلىك «ياخشىلىق پويىزى» نى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD) ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن تەييارلىدى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزىدىغان 19-قېتىملىق «ياخشىلىق پويىزى»، مۇراسىم بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدىن ئافغانىستانغا قاراپ ھەرىكەت قىلدى.

پويىزدا 39 توننا ئەدىيال، 8 توننا ياتاق، 85 توننا چېدىر، 40 توننا تازىلىق ماتېرىياللىرى ، 33 توننا كىيىم-كېچەك، 15 دانە گېنېراتور، 240 توننا يېمەك-ئىچمەك يىشىكى، 30 توننا ئاشخانا لازىمەتلىكلىرى، 40 توننا ھاجەتخانا ئۈسكۈنىسى ۋە 18 توننا ئىسسىتقۇچ ئەسلىھەلىرىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇنىر كارالئوغلۇ ئەنقەرە پويىز ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ ھېرات ئۆلكىسىدە 7-ئۆكتەبىر (2023) دە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئافغانىستانغا يېتىپ بارغان تۇنجى ياردەمچى ئەترەتنىڭ تۈركىيە تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەترىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇنىر كارالئوغلۇ: «ياخشىلىق پويىزى 4200 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، 15 كۈندە مەنزىلگە يېتىپ بارىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر