ئانتونى بلىنكېن تۈركىيەدە ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدۇ
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن 5- ۋە 6- نويابىر كۈنلىرى تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.
2060366
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ ئەنقەرە زىيارىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىندى.
باياناتتا، 6-نويابىر (ئەتە) ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشتا، غەززەنىڭ ۋەزىيىتى، رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ پىلانلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.