ئەردوغان قازاقىستاندىن قايتىش يولىدا مۇھىم باياناتلارنى بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنى بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق ئەھۋالدا سۆھبەتداش سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز ئۇنى ئۆچۈرۈپ، تاشلىۋەتتۇق» دېدى.

2060303
ئەردوغان قازاقىستاندىن قايتىش يولىدا مۇھىم باياناتلارنى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە چاقىرىلغان 10 – نۆۋەتلىك يىغىنىدىن قايتىش يولىدا ئايروپىلاندىكى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ 7- ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززەدىكى ھۇجۇملىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئىشنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق جاۋابكارىنىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانىياھۇنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئىسرائىلىيەدە نېتانياھۇغا قارشى سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

نىتانىياھۇغا خىتابەن: «قىلغانلىرىڭ نە ئىنجىل، نە تەۋرات بىلەن مۇناسىۋىتى يوق؛ بۇنى ئىنجىلمۇ، تەۋراتمۇ، زەبۇرمۇ قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «نېتانىياھۇ ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭمۇ نازارىلىقىنى قوزغىغان، پۇقرالىرىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان بىرى. ئۇ دىنىي ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىيپ، قىرغىنچىلىقلىرىغا قوللىغۇچى تېپىشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى رىياد باشلىقلار يىغىنىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ (غەززەدە) ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم قالىننىڭ ئىسرائىلىيە، پەلەستىن ۋە ھاماس بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «نېتانىياھۇ بۇنىڭدىن كېيىن بىز سۆھبەتلىشىدىغان ئادەم ئەمەس، بىز ئۇنى ئۆچۈرۈپ، تاشلىۋەتتۇق. مەن بۇ ھەقتىكى قارارنى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنلارغا ئاساسەن چىقىرىمەن» دېدى.

ئەردوغان غەززەگە كېپىل دۆلەتلەرنى تەيىنلەش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ: «ئەگەر تۈركىيەگە كېپىللىك ۋەزىپىسى چۈشسە، بىز بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىمىزگە ئېلىشقا تەييارمىز، كېپىل دۆلەت بولساق بولىدۇ. قىبرىستا گىرېتسىيە كېپىل دۆلەت بولالايدۇ، ئەنگلىيە كېپىل دۆلەت بولالايدۇ ئەگەر تۈركىيە نۆۋەتتە بىر كېپىل دۆلەت بولسا، غەززدە نېمىشقا بولمىسۇن؟!... تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز باشلامچى رول ئوينىشىمىز كېرەك. بۇ تارىخ بىلەن بۈگۈننى ۋە كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرىدىغان بىر ئۆزگىرىش بولىدۇ» دېدى.

رايونغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدىغان فورمۇلالارنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۆزلىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى تارىخ سەھنىسىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشنى كۆزلەيدىغان پىلانلارنى قوللىمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئىلگىرى كۆز يۇمۇلغان قىرغىنچىلىقلار ئەسلىتىلگىنىدە باشلىرى چۈشۈپ كېتىدىغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، غەززە قىرغىنچىلىقىغا تۇتقان پوزىتسىيەلىرىنىڭ نومۇسى ئاستىدا ئىزىلىپ كېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «تېررورلۇق تەشكىلاتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا <ئەركىنلىك> دېگەن نام بىلەن يول قويغان بەزى دۆلەتلەر، بىر خەلقنىڭ سىمۋولى بولغان پەلەستىن بايرىقىنى چەكلەشكە ئۇرۇندى» دېدى.

ھازىر دۇنيانىڭ پەلەستىنلىك بالىلارنىڭ نىدالىرىغا قۇلاق سېلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئاشۇ بىگۇناھلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش بىزنىڭ بۇرچىمىز، ئىنسانلىق مەجبۇرىيىتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

غەززەدىكى سەھىيە سىستېمىسىنى قەستەن ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئىسرائىلىيە بىلەن زۇلۇمغا كۆز يۇمغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، پۇقرالار، بىمارلار ۋە بوۋاقلارنى ئۆلۈم گىردابىغا ئىتتىرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ جەرياندا ئىنتايىن غەلىتە، تۇترۇقسىز رول ئوينىغانلىقىنى، ئادىل پوزىتسىيە بىلدۈرەلمىگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر