ت ر ت مۇدىرى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى بولدى

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسى (ABU) نىڭ باشلىقلىقىغا، تۈركيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت نىڭ باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى سايلاندى.

2059022
ت ر ت مۇدىرى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى بولدى
ABU.1.jpg
ABU.2.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات بىرلەشمىسى ھېسابلىنىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ كۆرۈرمىنى تەخمىنەن 3.5 مىلياردقا يېتىدىغان بولۇپ، 65 دۆلەتتىن 246 ئەزاسى بار. بىرلەشمىنىڭ 60-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى جەنۇبىي كورېيە ئاخبارات ئىدارىسى (KBS) نىڭ ساھىبخانلىقىدا 31-ئۆكتەبىردىن 1-نويابىر (2023) غىچە پايتەخت سېئۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا، ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى. ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ.

مەھمەت زاھىد سوباجى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات بىرلەشمىسى بولغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقىلىقىغا سايلانغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ھەر ساھەدە رەھبەر دۆلەت بولۇش نىشانى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك دەپ تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنىڭ تۈركىيەگە بېرىلىشىنى، تۈركىيەنىڭ يۈكسېلىشىنىڭ بىر قەدىمى ۋە ئەكس ئېتىشى دەپ بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 100-يىلىغا توغرا كېلىشى، بىزنى باشقىچە خۇشال قىلدى. بۇ خەلق قانداق شارائىتلار ئاستىدا بولۇشى ۋە ئىمكانىيەتلىرى قانچىلىك چەكلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۈرەش قىلىشتىن قەتئىي ۋاز كەچمەي نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. شۇڭا، ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات بىرلەشمىسى يارىتىپ بېرىدىغان ئىمكانىيەتلەر ۋە يوشۇرۇن كۈچلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى بۇ مەقسەت ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىپ، بۇ مۇساپىنى تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە ئېلىپ بارالايمىز دەپ ئويلايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر