ئىنتېرنېت ئىزدەش ماتورى گۇگۇل تۈركىيەنىڭ  جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

ئىنتېرنېت ئىزدەش ماتورى گۇگۇل باش بېتىدە 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت كۈنى ئۈچۈن ئالاھىدە «دودېل» ئىشلىتىپ  جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلىدى.

2057194
ئىنتېرنېت ئىزدەش ماتورى گۇگۇل تۈركىيەنىڭ  جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: «دودېل» غا چەككەندە، ئابونتلار 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بەتكە يېتەكلىنىدۇ.

ئابونتلار يېتەكلەنگەن بەتتە «بۈگۈنكى دودېلدا بىز جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 100 - يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

«دودېل»  نىڭ رەسىمىدىمۇ پايتەخت ئەنقەرەدىكى 1-پارلامېنت بىناسى ۋە تۈركىيە بايرىقىغا ئورۇن بېرىلدى.

«دودېل» قوللىنىشچان پروگراممىسىدا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم كۈنلىرى، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە تارىختىكى مۇھىم كىشىلىرى ئۈچۈن  ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە لوگولار ھەممىنىڭ دىققىتنى تارتىپ كەلمەكتە.

ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەر ئالاھىدە لايىھەلەنگەن لوگولارنى چېكىش ئارقىلىق شۇ كۈنگە، ياكى كىشىگە ۋە ياكى تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر