ئەردوغان پاپا فرەنسىس بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاپا فرەنسىس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2056236
ئەردوغان پاپا فرەنسىس بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيە - پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار ۋە رايوندىكى بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاپا فرەنسىس بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ۋە ھېچقانداق بىر مۇقەددەس تېكىستتە تىلغا ئېلىنمىغان ھۇجۇملىرىنىڭ قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر