جەۋدەت يىلماز پايتەخت ئەنقەرەدە ئاتدايېۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز تۈركمەنىستان مىنىستىرلار كېڭىشى مۇئاۋىن رەئىسى باتىر ئاتدايېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

2056027
جەۋدەت يىلماز پايتەخت ئەنقەرەدە ئاتدايېۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقى مۇھاكىمە قىلىندى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس يىلماز يىغىن جەريانىدا، پەلەستىن- ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى توغرىسىدا توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ مەسىلىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن دىپلوماتىك كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە بارلىق ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ  جىددىيچىلىكنى پەسكويغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئاتداايېۋ تۈركمەنىستاننىڭ ھاماس- ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى قايغۇرۇش ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر