سەردار بەردىمۇھەممەدۋو تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ 25-، 26 – ئۆكتەبىر تۈركىيەدە تۇنجى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

2055637
سەردار بەردىمۇھەممەدۋو تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوۋ زىيارىتى جەريانىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق مەسىلىلىرى شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

1991- يىلى 27- ئۆكتەبىر مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان تۈركمەنىستاننى 1991- يىلى 16 - دېكابىر تۇنجى بولۇپ ئېتىراپ قىلغان دۆلەت تۈركىيە بولدى.

تۈركمەنىستان بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت 1992- يىلى 29- فېۋرال ئورنىتىلدى.

ئورتاق تارىخ، تىل، دىن ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە ئىككى قېرىنداش دۆلەت ۋە خەلقنىڭ «بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت» ئاساسىدىكى تەڭپۇڭ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان ئالاھىدە مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا تاشقى سىياسەت، سودا، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى داۋام قىلماقتا.

تۈركمەنىستان تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەدىن قالسىلا ئەڭ كۆپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككىنچى دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ.

تۇنجى نۆۋەتلىك تۈركىيە – ئەزەربەيجان - تۈركمەنىستان دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى 2022- يىلى تۈركمەنىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئالاھىدە تەكىتلەنگەنىدى.

بەردىمۇھەممەدوۋ باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركمەنىستان تەبىئىي گازىنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا سېتىلىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر