لىجە ناھىيەسىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئۈچ تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا بىر قىزغۇچ سېرىق، ئىككى كۈلرەڭ كاتېگورىيەدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئۈچ تېررورىستنىڭ دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، بىر تېررورىستنىڭ شىرناكتا تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2055553
لىجە ناھىيەسىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئۈچ تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ئېكس (X) ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، شېھىتلەرنىڭ قېنىنىڭ يەردە قالمىغانلىقىنى، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تېررورىست يوقىتىلغىچە قەتئىي داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تېررورلۇققا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ تېررورىستلارنىڭ قېچىش يوللىرىنى توسۇپ چەمبەر ئىچىگە ئالغانلىقلىرىنى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئەزاسى ئۈچ تېررورىستنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاخىرىدا، شىرناك ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ھەسەن بىنبىرنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر