ئەردوغان شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا دائىر قارار لايىھەسىنى ئىمزالىدى

شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئىمزالىنىپ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) گە سۇنۇلدى.

2054889
ئەردوغان شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا دائىر قارار لايىھەسىنى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: 

«شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن 2023-يىلى 23-ئۆكتەبىر كۈنى ئىمزالىنىپ، تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىگە يوللاندى.»

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسىنى ئىمزالىشىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىرىستېرسون ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسىنى ئىمزالاپ تۈركىيە بۈيۈك دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز. ئەمدى نۆۋەت تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە كەلدى. ناتوغا ئەزا بولۇشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز.»

ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسىنى ئىمزالىغانلىقى ۋە تۈركىيە بۈيۈك دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە تېز ئاۋازغا قويۇلۇشىنى ۋە شىۋېتسىيەنىڭ پات يېقىندا ناتوغا ئەزا بولۇشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. ھەپتە ئاخىرىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ ئېيتقىنىمدەك، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى بارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى تېخىمۇ مۇستەھكەم ۋە تېخىمۇ بىخەتەر قىلىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتېۋ مىللېر مۇنداق دېدى:

«بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز. بۇ  قارار لايىھەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك دۆلەت مەجلىسىدە بالدۇرراق مۇزاكىرە قىلىنىشىنى ۋە ماقۇللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر