تۈركىيە ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلا توغرىسىدىكى قارارىنى قارشى ئالدى

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان جازالارنىڭ بىكار قىلىنىشى توغرىسىدىكى باياناتىنى «توغرا يۆنىلىشتە تاشلانغان بىر قەدەم» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2053491
تۈركىيە ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلا توغرىسىدىكى قارارىنى قارشى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز بولىۋارچى ۋېنېزۇئېلا جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن ئىتتىپاقلىق سۇپىسى ۋەكىللىكىدىكى ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلىرىنى 17- ئۆكتەبىر باربادوستا ئىمزالانغان <سىياسىي ھوقۇقنى قوللاش ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ سايلاش – سايلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش> توغرىسىدىكى كېلىشىملىرى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەيمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ، زۆرۈر دەپ قارالغان تەقدىردە، 2024 – يىلى ۋېنېزۇئېلادا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملارنىڭ دېموكراتىك پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان شەكىلدە ئوچۇق – ئاشكارا ۋە ئادىل ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرىگە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا: «بىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان جازالارنىڭ بىكار قىلىنىشى توغرىسىدىكى باياناتىنى <توغرا يۆنىلىشتە تاشلانغان بىر قەدەم> دەپ قارايمىز» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىر تەرەپلىمە جازالارغا قارشى پىرىنسىپال مەيدانىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دوستىمىز ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بۈگۈنمۇ يېنىدىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر 2024- يىلى سايلام ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ۋېنېزۇئېلانىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ئالتۇن ساھەلىرىگە قارىتىلغان بىر قىسىم جازالارنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر