تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نورۋېگىيەدىكى كاتتىبېشى قولغا چۈشۈرۈلدى
ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن ساقچى ئىدارىسى بىرلىشىپ، پ ك ك| ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نورۋېگىيەدىكى قۇرۇلمىلىرىغا زەربە بەردى.
2052804
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ك ج ك نىڭ نورۋېگىيەدىكى ئاياللار ياچېيكىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن شىرىن توكپىنار، ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ تەڭ ماسلىشىشى ئاستىدا، ئىستانبۇلدا قولغا چۈشۈرۈلدى.
ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى پ ك ك|ك ج ك نىڭ نورۋېگىيەدىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم كاتتىباشلىرىدىن بىرى شىرىن توكپىنارنىڭ تۈركىيە تاموژنىسىدىن ئۆتكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئۇنى قولغا چۈشۈردى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك| ك ج ك نىڭ نورۋېگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ھەرىكەتلىرىدە ئاكتىپ ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلغان شىرىن توكپىنار، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن پۇل توپلاش ۋە يەتكۈزۈش گۇرۇپپىسى ئىچىدە خىزمەت قىلماقتا ئىدى.