ت ر ت نىڭ مەخسۇس پائالىيەتلىرى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى — TRT نىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشقا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەخسۇس پائالىيەتلىرى «غەززەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە» سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلدى.

2051468
ت ر ت نىڭ مەخسۇس پائالىيەتلىرى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى:

 «تۈركىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى — ت ر ت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 - يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشقا ئاشۇرىدىغان ۋە تەييارلىقلىرى پۈتكەن كونسېرت قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى غەززەدىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئىنسانىي تىراگېدىيە سەۋەبىدىن كېچىكتۈردى.»

«كېچىكتۈرۈلگەن كونسېرت قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقتى كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر