ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى يەرلىك ئاپتوموبىل <توگگ> بىلەن ساياھەت قىلدى

ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى كارل نېخاممېر سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاچىر بىلەن يەرلىك ئاپتوموبىل دا ساياھەت قىلدى.

2049090
ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى يەرلىك ئاپتوموبىل <توگگ> بىلەن ساياھەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە-ئاۋستىرىيە سودا كېڭىشى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى كارل نېخاممېر يەرلىك ئاپتوموبىل توگگنى سىناپ كۆردى.

مېھمان باش مىنىستىر شوپۇر ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغان مەھمەت فاتىھ كاچىرنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئاپتوموبىل ھەققىدە بەرگەن ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلىدى.

يەرلىك ئاپتوموبىل توگگ ھەم ھەيدەش قولايلىقى ھەم تېخنىكا ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن نېخاممېرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

مىنىستىر كاچىر نېخاممېرنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) گە ئېلىپ باردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر