ئەردوغان: مۇستەقىللىق كۈرىشى خەلقنىڭ مۇستەقىللىقىگە ئىگە چىقىش ئىرادىسى سايىسىدا غەلىبىگە ئېرىشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ۋەتەننى ھاياتىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويغان بارلىق شېھىت ۋە غازىلارنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن پىداكارلىقى ۋە ئەزىز مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش ئىرادىسى سايىسىدا غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

2047496
ئەردوغان: مۇستەقىللىق كۈرىشى خەلقنىڭ مۇستەقىللىقىگە ئىگە چىقىش ئىرادىسى سايىسىدا غەلىبىگە ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇل ۋالىيلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن شەھەرنىڭ دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنىشىنىڭ 100 – خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تاكسىم جۇمھۇرىيەت خاتىرە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا يازما ئۇچۇر يوللىدى.

ئۇچۇرىدا، ئىستانبۇلنىڭ دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن ئازاد بولغانلىقىنىڭ خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «مۇستەقىللىق كۈرىشى ۋەتەننى ھاياتىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويغان، قەھرىمانلىقلىرى تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان بارلىق شېھىت ۋە غازىلارنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن پىداكارلىقى ۋە ئەزىز مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش ئىرادىسى سايىسىدا غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتى. مۇشۇنداق مۇقەددەس چۈشەنچە بىلەن، قەدىم مەدەنىيىتىمىزنىڭ مىراسى ئۈستىگە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرىنى قوغداش، گۈللىتىش، ئۇنى زامانىۋى مەدەنىيەتلەر سەۋىيەسىدىن ھالقىتىش، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچەيتىپ كەلگۈسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، قەتئىي ئىرادە بىلەن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.  بۇ ئىشەنچ بىلەن مۇستەقىللىق ئۇرۇشىمىزنىڭ بارلىق قەھرىمانلىرىنى ھۆرمەت ۋە سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن. ئىستانبۇلنىڭ بۇ ئىپتىخار كۈنىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن ۋە بارلىق پۇقرالىرىمىزغا ئەڭ چىن ھېسسىياتىم بىلەن سالام يوللايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر