دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا مۇھىم يىغىن چاقىرىلدى
يەكشەنبە كۈنى پايتەخت ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا مۇھىم يىغىن چاقىرىلدى.
2046424
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئېچىلغان يىغىندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىقايا ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىن بىر يەرگە جەم بولدى.
يىغىندىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك فوتو- سۈرەتلەر ئېلان قىلىندى.