ئولېنا زېلېنسكا ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ رەپىقىسى ئولېنا زېلېنسكا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغانغا، ئۇكرائىنالىق يېتىم بالىلار ئۈچۈن قىلغان ياردەملىرىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2044003
ئولېنا زېلېنسكا ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئولېنا زېلېنسكا ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە سىنلىق ئۇچۇر ئەۋەتتى.

ئۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلارغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇكرائىنادىكى بىر قىسىم ئىجتىمائىي لايىھەلەرگە تۆھپە قوشقان تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئاگېنتلىقى-تىكا (TIKA) غا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىدىن ئۇكرائىنانىڭ ئىزيۇمدىكى دوختۇرخانىسىنى قايتا سېلىش ئۈچۈن باشلانغان سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز داۋاملىق ياردەم سوراشقا مەجبۇرمىز. بەزىلەر داۋاملىق ۋەيران قىلسا، يەنە بەزىلەر مۇشۇنداق ياردەم قىلىدۇ. دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار كىمنىڭ ھەقىقىي ئىنسان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھەقىقىي ئادەم ئۈچۈن ئازابنىڭ رەڭگى، دىنى ۋە ئىرقى بولمايدۇ. مەن سىزلەرنىڭ ئوخشاش چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن.»

ئۇ ئۇكرائىنادىن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن يېتىم بالىلارنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى بالىلار ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«بىز كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆزئارا ياردەملىشىشنىڭ، ئاخىرىدا زۇلۇم ھەمدە تاجاۋۇزچىلىقنى مەغلۇپ قىلىدىغانلىقىنى بىرلىكتە كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز. شۇڭا، مەن دېمىسىمۇ بۇ ئىشنى قىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ بىرىنچى خانىمى، ھۆرمەتلىك ئەمىنە ئەردوغاندىن ئىنتايىن مىننەتدار. ئۇ ئەنقەرەدە ئۇكرائىنالىق يېتىم بالىلارنى ئازادە تۇرمۇش شارائىتلىرىغا ئىگە قىلدى. بۇ تولىمۇ قىممەتلىك، چۈنكى بۇ ئىشلار بالىلارغا نورمال تۇرمۇش ۋە دۇنياغا ئىشىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر