ئەردوغان بىلەن ئەنۋەر ئىبراھىم قوشما بايانات ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم يېقىندىن بۇيان باش كۆتۈرگەن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىش، ئۆچمەنلىك ۋە ھۇجۇم قىلىشغا ئىلھاملاندۇرۇش خاراكتېرلىك ئاۋامچىل نۇتۇقلارنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلىدى.

2040480
ئەردوغان بىلەن ئەنۋەر ئىبراھىم قوشما بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر ئەنۋەر ئىبراھىم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى تۈركىيە ئۆيىدە كۆرۈشكەندىن كېيىن،  مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئۆچمەنلىك ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى توغرىسىدا قوشما بايانات ئېلان قىلدى.

ئىككى رەھبەر ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدە پىكىر ئەركىنلىكى نامى ئاستىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشلىرى، مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ھاقارەتلەر، ئۆچمەنلىكنى ئۇلغايتقۇچى نۇتۇقلار ۋە ھۇجۇم قىلىشقا ئىلھامدۇرغۇچى ئاۋامچىل باياناتلارنى ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جىددى تەدبىر قوللىنىپ، دىن ياكى ئېتىقادقا قارىتا زوراۋانلىق قىلىشنى جىنايى قىلمىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان بىلەن ئەنۋەر ئىبراھىم، «ھۆكۈمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە بارلىق شېرىكلەرنى كەمسىتىش، چەت ئەللىك دۈشمەنلىكى، ئىرقچىلىق ۋە ئۆچمەنلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا مۇزاكىرە قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى كۈچەيتىشكە چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر