ئەلى يەرلىكايا يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئالدى ئېلىنغان تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە 258 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ۋە 37 بومبىلىق بولۇپ، جەمئىي 44 تېرورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

2037099
ئەلى يەرلىكايا يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئالدى ئېلىنغان تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا پايتەخت ئەنقەرەدە بەرگەن باياناتىدا، يېقىنقى 90 كۈن ئىچىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچارلار بىلەن 15 مىڭ 640 سائەت ئۇچۇش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەلى يەرلىكايا: «جەمئىي 43 مىڭ 490 قېتىم ھەرىكەت ئېلىپ باردۇق. بۇ ھەرىكەتلەردە 258 تېرورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. 40 نەپىرى تەسلىم بولدى، 27 نەپىرى ئۆلۈكھالدا قولغا چۈشتى. 187 تىرىك، 4 نەپىرى يارىلانغان جەمئىي 258 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر