جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۇدانلىق گېنېرال ئەلبۇرھان بىلەن پاكىستانلىق گېنېرال مۇنىرنى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھان ۋە پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك سەييىد ئاسىم مۇنىرنى قوبۇل قىلدى.
2037077
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن (13- سېنتەبىر) سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھان بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.
ئۇ ئەلبۇرھان بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك سەييىد ئاسىم مۇنىرنى قوبۇل قىلغان، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىكى ئۇچرىشىشقا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانمۇ قاتناشقانىدى.