تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بەردى
تۈركىيە ساقچىلىرى ۋە ئاخبارات خادىملىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تەربىيەلەنگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى «باۋېر بوتان» لەقەملىك بەكىر قىنا ئىراقتا بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2019-يىلى ئىراققا بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلغان بەكىر قىنا ھازىرغىچە ئىران ۋە ئىراقتا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ بەكىر قىنانى تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى، ساقچىلىرى ۋە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى خادىملىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشى ئۈچۈن، ئىراقنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ئارىلىقى 150 كىلومېتىر كېلىدىغان سۇلايمانىيە شەھىرىدە تەربىيەلىگەن ھەم ھەر خىل قورال – ياراغلارنى ئىشلىتىشنى ئۆگەتكەندىن كېيىن، قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيەگە ئەۋەتمەكچى بولغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.
تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، تېررورچى بەكىر قىنانى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش مەشىقى قىلىۋاتقاندا بىر تەرەپ قىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە بىرازىلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە بىرازىلىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن بىرازىلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.