ئىزمىردە 125 قانۇنسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى ۋە 47  نەپەر قانۇنسىز كۆچمەن نازارەتكە ئېلىندى

ئىزمىرنىڭ دىكلى، مەندەرەس، چەشمە ۋە فوچا رايونى دېڭىز تەۋەلىكىدە تۈنۈگۈن (20- ئاۋغۇست) 125 قانۇنسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى ۋە 47  نەپەر قانۇنسىز كۆچمەن نازارەتكە ئېلىندى.

2026933
ئىزمىردە 125 قانۇنسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى ۋە 47  نەپەر قانۇنسىز كۆچمەن نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى قوماندانلىق ئورگىنىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دىكلى ۋە مەندەرەس ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە كاۋچۇك كېمىلەردە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ بايقالغانلىقىغا دائىر مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغان دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ پاراخوتلار بىلەن رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەترەت گىرېتسىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە ئىتتىرىلگەن كېمىلەردىكى 125 قائىدىسىز كۆچمەننى قۇتۇلدۇرۇۋالدى.

دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى چەشمە ۋە فوچا ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدىمۇ كاۋچۇك كېمىدە كېتىۋاتقان بىر تۈركۈم قانۇنسىز كۆچمەنلەر بايقىدى.

دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى تەرىپىدىن توختىتىلغان كېمىلەردىن 47  نەپەر قانۇنسىز كۆچمەن نازارەتكە ئېلىندى.

قانۇنسىز كۆچمەنلەر رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش باشقارمىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر