ناتو تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئايال گېنېرال مايورىنى تەبرىكلىدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئايال گېنېرال مايورى گۆكچەن فىرات ئۈچۈن تەبرىك باياناتى ئېلان قىلدى.

2026308
ناتو تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئايال گېنېرال مايورىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو ئىتتىپاقداش دېڭىز ئارمىيەلىرى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئەنگلىيەدىكى شىمالىي ۋودۋۇد ھەربىي بازىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گۆكچەن فىراتنىڭ دەرىجىسىنىڭ گېنېرال مايورلۇققا ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

ناتونىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، تۈركىيە ئارمىيەسىدە دەرىجىسى گېنېرال مايورلۇققا ئۆستۈرۈلگەن تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئايال گېنېرال مايورى گۆكچەن فىراتنىڭ ناتودىكى ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىللارغا ئورۇن بېرىلدى، ھەمدە ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«گۆكچەن فىراتنىڭ سالاھىيىتى ناتونىڭ تۆت دائىمىي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دۆلەت ھالقىغان مۇھىم  ۋەزىپىلەرگە قاتنىشىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىتتىپاقداش دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەم ھەربىي مانىۋېرلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

گۆكچەن فىرات ھەربىي ئىشلار ئالىي كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاساسەن دەرىجىسى گېنېرال مايورلۇققا ئۆستۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئايال گېنېرال مايورى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، گېنېرال مايور گۆكچەن فىرات ئەنگلىيەدىكى ناتو ئىتتىپاقداش دېڭىز ئارمىيەلىرى قوماندانلىق ئىشتابى (MARCOM)  دا ھەربىي ھەرىكەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن قوماندان سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر