«پەنچە قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا سېرژانت گۆرەجە شېھىت بولدى
«پەنچە قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا يارىلانغان سېرژانت ئەگە سۇلايمان گۆرەجە شېھىت بولدى.
2023093
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «پەنچە قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 21 – ئىيۇل كۈنى يارىلانغان پىيادە ئەسكەر سېرژانت ئەگە سۇلايمان گۆرەجەنىڭ تۈنۈگۈن داۋالىنىۋاتقان گۈلخانە تەلىم - تەربىيە ۋە تەتقىقات دوختۇرخانىسىدا شېھىت بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بىزنى قاتتىق ئازابقا تاشلىغان بۇ ۋەقەدە جېنىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىدىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمىز، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئەزىز خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەم سەۋر – تاقەت تىلەيمىز.»