يارىلانغان سېرژانت مۇستاپا سەزەر شېھىت بولدى
ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان پەنچە-قۇلۇپ ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا يەنە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
2022954
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پەنچە-قۇلۇپ ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىنىڭ ئوقىدا يارىلانغان سېرژانت مۇستاپا سەزەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
رايوندا ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، شېھىت بولغان ئەسكەرلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە تۈركىيە خەلقىگە سەۋر تىلەندى.
پەنچە-قۇلۇپ ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈنۈگۈن (9-ئاۋغۇست) كى ئىغۋاگەرچىلىكىدە بەش ئەسكەر شېھىت بولغانىدى.