دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باياننامەسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياننامەدە، قارادېڭىزدىكى جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ھېچكىمنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى.

2022616
دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باياننامەسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈنۈگۈن (2023-يىلى 9-ئاۋغۇست) تۈركىيە  جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن باياننامە ئېلان قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياننامەگە قارىغاندا، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك – پ ي د/ي پ گ، فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتى ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيەنىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىقى ۋە باراۋەرلىكىگە قارىتا تۈرلۈك تەھدىتلەرنى شەكىللەندۈرۈۋاتقان خىرىسلارغا قارشى دۆلەت ئىچى - سىرتىدا كەسكىن داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر ھەققىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دوكلات سۇنۇلغان.

باياننامەدە ئىراق بىلەن ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنىڭ دۆلەتلەر ۋە رايوننىڭ مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى قوغداش پائالىيەتلىرىنى چىن دىلىدىن قوللاشنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

باياننامەدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يىغىندا، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بۇ ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى باسقۇچلاردا رايونغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنغان، قارادېڭىزدىكى جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ھېچكىمنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھەرقايسى تەرەپلەر سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىق قىلىنغان. شۇنداقلا ئاشلىق كېلىشىمىگە قايتىشنىڭ ئاشلىققا موھتاج دۆلەتلەردە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قىيىنچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى ۋە ئاشلىق مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

يىغىندا يەنە، ئافرىقا قىتئەسىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا يامراپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان، ھەمدە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى مەسىلىلىرىنى ئەڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسىنى پەقەت ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئىگىلىرىلا تاپالايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

باياننامەدە ئىسلام دىنىنى نىشان قىلىپ، 2 مىلياردقا يېقىن مۇسۇلماننى رەنجىتىۋاتقان  ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىنمۇ ئۆچمەنلىك جىنايىتى دەپ قارالغان قەبىھ قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ جاۋابكارلارنى جازالاندۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان دۆلەتلەر پىكىر ئەركىنلىكى نامىدا ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى چېچىش خاھىشىنى ئۆزگەرتىشكە، مۇقەددەس قىممەت قاراشلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان.

باياننامەدە يەنە، يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسقا ئايلىنىشقا باشلىغان كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەرتىپسىز كۆچمەنلەر كىرىزىسىدىن ئىجتىمائىي بۆھرانلارغىچە، ئىچكى قالايمىقانچىلىقلاردىن دۆلەتلەر ئارا توقۇنۇشلارغىچە بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەسىرلىرىنى پەقەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئادىل، سەمىمىي تىرىشچانلىقى ۋە ھەمكارلىقى ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر