تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 50 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىدى

تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا 50 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالاندى.

2013649
تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 50 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىدى
erdogan-al nahyan3.jpg
erdogan-al nahyan2.jpg
erdogan-al nahyan1.jpg
erdogan bae.jpg
erdogan-al nahyan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە خەلىپىلىك رەئىسى شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئال نەھيان تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىندى.

ئەلۋەتەن سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىن كېيىن، ئەردوغان بىلەن ئال نەھيان ئايرىم كۆرۈشتى، ئاندىن ھەيئەتلەر ئارا سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلدى.

ئەردوغان يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالىنىدىغان ئورتاق كېلىشىم بىلەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك دەرىجىسىگە يېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك كېڭەش مېخانىزمى ئارقىلىق مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە قەرەللىك مۇزاكىرە قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى.

ئەردوغان 7-ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسى بىلەن بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەبۇزەبى خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىگە «ئەزىز مېھمان» سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ بۇ يىل ئىچىدە ئەبۇزەبىدە تۈركىيە مەدەنىيەت مەركىزىنى ئېچىش ئارقىلىق بۇ ھەمكارلىقنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىككى رەھبەرنىڭ سۆزىدىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا مەبلەغ سېلىش، ئىقتىساد، سانائەت، مۇداپىئە، قانۇن، ئەدلىيە، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردە ئومۇمىي سوممىسى 50 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يېتىدىغان 13 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى.

ئال نەھيان سۆھبەتلەردىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا «زايد دۆلەت مېدالى» تەقدىم قىلدى.

ئەردوغان بىلەن ئال نەھيان بۇ يىل ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان بىلەيزۈكنى تاقاپ سۈرەتكە چۈشتى.

ئال نەھيان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى.

ئۇمۇ ئال نەھيانغا تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك ماشىنىسى توگگنى سوۋغا قىلدى.

ئال نەھيان ئەلۋەتەن سارىيىدىن «پامۇققەلئە ئېقى» رەڭگىدىكى توگگنى ھەيدەپ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئەبۇزەبى كوچىلىرىنى ئايلاندى.

ئاندىن، ئال نەھيان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ئۇ تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىغا توگگ بىلەن ئەكېلىپ قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر