دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 49 – يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

2013844
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «قىبرىس تۈركلىرىگە قارشى ئىنسان قېلىپىدىن چقققان قەتلىئاملارغا خاتىمە بەرگەن، ھەمدە قىبرىس ئارىلىغا تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلگەن قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 49 – يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن  شېھىتلىرىمىزنى چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە يەنە بىر قېتىم ياد ئېتىمىز، غازىلىرىمىزغا ئېسەنلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز. قىبرىس تۈركلىرىنى ھېچقاچان يالغۇز تاشلاپ قويمىدۇق ۋە قويمايمىز.»

 1974-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى رۇملارنىڭ قىبرىس ئارىلىرىدىكى تۈركلەرگە قارشى بېسىمى ۋە زۇلمىغا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانىدى.

20 – ئىيۇل دۇنيا تارىخىدا «قىبرىس تۈركلىرىنىڭ دۇنياغا قايتا كۆز  ئېچىشى» دەپ ئاتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر