ئەردوغان:  ئەسەد بىلەن كۆرۈشۈش ئىشىكىمىز تاقاق ئەمەس

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد بىلەن كۆرۈشۈش ئىشىكلىرىنىڭ تاقاق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

2012449
ئەردوغان:  ئەسەد بىلەن كۆرۈشۈش ئىشىكىمىز تاقاق ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراپ يولغا چىقىش ھارپىسىدا ئىستانبۇلدىكى ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئەردوغان بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسى دائىرىسىدە بۇ دۆلەتكە قارىتا ئىشىكلىرىنىڭ تاقاق ئەمەسلىكىنى، بۇ ھەقتە تۆت  تەرەپ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بەششار ئەسەد بىلەن كۆرۈشۈش ئىشىكىمىز تاقاق ئەمەس. نۆۋىتى كەلگەندە كۆرۈشۈشىمىز مۇمكىن. سۈرىيە دائىرىلىرىنىڭ بىزگە قارىتا پوزىتسىيەسى ناھايىتى مۇھىم. تولىمۇ ئەپسۇسكى، بەششار ئەسەد ھازىر تۈركىيەدىن سۈرىيەنىڭ شىمالىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا. ئەمما بۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بىز ئۇ يەردە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بەششار ئەسەد باشقا دۆلەتلەرگىمۇ شۇنداق تەلەپ قويالامدۇ؟ ياق، بۇنداق تەلەپ قويالمايدۇ. شۇڭا بىز بۇ مەسىلىدە ئادىل پوزىتسىيە تۇتۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئادقل پوزىتسىيە تۇتۇش مەسىلىسى ھەل بولغاندىن كېيىن،  ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىمۇ پۈتۈنلەي ھەل قىلالىشىمىز مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر