ئەلى يەرلىكايا شىرىناكتا ئۇجۇقتۇرۇلغان ئىككى تېررورچى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا شىرىناكتا ئۇجۇقتۇرۇلغان ئىككى تېررورچىنىڭ ئاپېلسىن رەڭلىك ئىزدەپ تۇتۇش تىزىملىكىدىكى تېررورچىلار ئىكەنلىكى بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

2008764
ئەلى يەرلىكايا شىرىناكتا ئۇجۇقتۇرۇلغان ئىككى تېررورچى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، 4-ئىيۇلدا شېرناكنىڭ بەستلەر دەرەلەر رايونىدا ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلارنىڭ كىملىكلىرى ۋە ئېلىپ بارغان تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

تېررورچىلاردىن شىفرىلىك ئىسمى <مىرزا باغىران>  ۋە ئەسلى ئىسمى <مىرزا سەزەك> بولغان بىرىنىڭ 2015-يىلدىن 2023-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بەش ئوخشىمىغان تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ۋە بۇ ھەرىكەتلەردە 1 ژاندارما ۋە 2 ساقچىنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقى تەكىتلىدى.

ئەلى يەرلىكايا يەنە مۇنداق دېدى:

«شىفرىلىك ئىسمى <بېنگىن بەرمانى> ۋە ئەسلى ئىسمى <قاھرامان كاراتاش> بولغان يەنە بىر خائىن تېررورچى بولسا، 2016-يىلدىن 2018-يىلغىچە ئالتا ئوخشىمىغان تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قاتناشتى، بۇ ھەرىكەتلەردە 2 ھەربىي خادىم، 7 ژاندارما خادىمى ۋە 7 ئامانلىق ساقلىغۇچى قاتارلىق 16 بىخەتەرلىك خادىمى شېھىت قىلىندى. 16 ئامانلىق ساقلىغۇچىمىز يارىلاندى. شەھىدلىرىمىزنىڭ قېنى يەردە قالمىدى. شۇنى بىلىش كېرەككى، كۈرىشىمىز تېررورلۇق ئاخىرلاشقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر