فىدان گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىنىستىر خاقان فىدان بىلەن گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋوپكې خوكسترانىڭ 7- ئىيۇل (تۈنۈگۈن) تېلېفونلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2008669
فىدان گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، خوكسترا مەنسەپدىشى فىداننىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى تەبرىكلىگەن.

خوكسترا تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئۆزىنىڭ مىنىستىر فىدان بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «كۈچلۈك شەكىلدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىمىز ۋە بۇ يىلنىڭ بېشىدا تۈركىيەدە يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ۋەزىيەت ھەققىدە سۆزلەشتۇق. يەنە ناتو ئىتتىپاقداشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئامانلىق ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىمىزنى قايتا تەكىتلىدۇق ۋە ناتونىڭ كېڭىيىشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر