ئەردوغان رۇتتې بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې بىلەن تېلېفونلاشتى.

2007627
ئەردوغان رۇتتې بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئالدىمىزدىكى يىلى تۈركىيە – گوللاندىيە دوستلۇق كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقىنىڭ تەبرىكلىنىدىغانلىقىنى، يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەتلەر ئارقىلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شىۋېتسىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق توغرا يۆنىلىشكە قاراپ قەدەم تاشلىغانلىقىنى، ئەمما بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ پ ي د/ ي پ گ تەرەپدارلىرىنىڭ ئەركىن – ئازادە ھالدا تېررورلۇقنى مەدھىيەلەيدىغان نامايىشلارنى تەشكىللەشلىرىنىڭ تاشلانغان قەدەملەرنى يوققا چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

گوللاندىيە باش مىنىستىرى رۇتتېغا مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان كەرىم» گە قىلىنغان ھۇجۇملارنى پىكىر ئەركىنلىكى تونى ئاستىدا يوللۇقلاشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سادىر قىلىنغان قىلمىشلارنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا پىكىر جىنايىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رەھبەرلەر تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا يەنە 11-، 12- ئىيۇل كۈنلىرى لىتۋ پايتەختى ۋىلنيۇستا ئېچىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىنىڭ بىرىنىڭ رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر