ئەردوغان باكىر ئىززەتبېگوۋىچ بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنا دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى باكىر ئىززەتبېگوۋىچ بىلەن تېلېفونلاشتى.
2005447
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رەھبەرلەر تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئۆزئارا قۇربان ھېيتنىڭ بارلىق ئىنسانىيەتكە، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىغا تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە مولچىلىق ئېلىپ كېلىشىنى تىلىگەن.