ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش كاتتىباشلىرىدىن ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2001758
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان چارلاشلار داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش كاتتىباشلىرىدىن ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان. شۇنداقلا بۇ رايوندا تېررورچىلارغا ئائىت قورال– ياراغ، ئوق – دورا ۋە تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، «تېررورچىلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېيىلگەن.