تۈركىيە كېمە قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە 14- ئىيۇن تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان بېلىقچى كېمىسىنىڭ گىرېتسىيەگە يېقىن خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە غەرق بولۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

2000847
تۈركىيە كېمە قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ ئاق دېڭىز جۇغراپىيەسىدە يۈز بەرگەن تۇنجى پاجىئە ئەمەس، ئاخىرقىسى بولمايدۇ. تەرتىپسىز كۆچۈشنىڭ سەۋەبلىرى يوقىتىلماي تۇرۇپ، بۇ خىل ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ. ئەكسىچە چارىلەر پەقەت كۆچمەنلەر بىلەن پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئازاب - ئۇقۇبەتلىرى بىلەن دېڭىزلاردا قازا قىلىشلىرىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بالىلار ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قاتتىق قايغۇرۇلغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، قازا قىلغۇچىلارنىڭ تۇغقانلىرىغا تەزىيە، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلدى.

مۇساپىرلار ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىگە ئۈزۈل - كېسىل چارە تېپىشنىڭ ھەممەيلەننىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا يەنە: «بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىنى جىددىي ھەل قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەردى. 20- ئىيۇن دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى يېقىنلىشىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى يەنە بىر قېتىم مەسئۇلىيەتنى تونۇپ، يۈكنى مۇۋاپىق ئۈلۈشۈشكە، رايونىمىزدىكى كۆچمەن ھەرىكىتىنىڭ نېگىزىدە ياتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر